London Uyghur Ensemble
| باشبەت | ئاناسامبىل | كونسېرت | خەۋەر | رەسىم | مۇزىكا | يېڭى-تېمىلار | ئالاقە | مېھمان-دەپتىرى | مۇنبەر | باشقا-بەتلەر | ئۇلانما|       Uyghurche  • Englische •
 لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى
  ئانسامبىل باشقا سەھىپىللىرى
    
       Bookmark and Share

qaytish

ئۇيغۇر كۈيى لوندوندا ياڭرىدى

بۇ خەۋەر دىيارىم توربېتىدە 2009-يىلى 2- ئاينىڭ 27- كۇنى بېرىلگەن. خەۋەر ھازىرغىچە جەمى 45،0000 قېتىمدىن ئارتۇق كۆرۇلگەن. مەزكۇر خەۋەر دىيارىم تورىدىن سەھىپىمىزگە 2009-يىلى 5-ئاينىڭ 17- كۇنى كۆچۇرۇلدى.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى 2004- يىلى ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىغا ئىشتىياق باغلىغان بىرقانچە كىشىدىن تەشكىللىنىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ۋە ئاممىباب ناخشا- مۇزىكىلىرىنى ئورۇنلايدىغان، ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسىنى دۇنيا خەلقلىرىگە، جۈملىدىن ئەنگلىيە خەلقىگە تونۇشتۇرۇشنى ئاساسىي مەقسەت قىلغان شۇنداقلا ئەنگىلىيىدىكى ھەر تۈرلۈك كەسپىي، ئىلمىي ۋە ئاممىۋى ئورۇنلارنىڭ قوللىشىغا ئېرىشىپ كىلىۋاتقان بىر كەسپىي سەنئەت گۇرۇپپىسىدۇر.

لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئورۇنلايدىغان ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسى ئاساسلىقى ئۇيغۇر مۇزىكا تىڭشاق ئاھاڭلار، ئىجادىي خەلق ئاھاڭلار ۋە ئىلى خەلق ناخشا - مۇزىكىلىرىنى ھەم ئەنئەنىۋى ئۇيغۇر 12 مۇقامىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان ئىزچىل ئىزدىنىش، تىرىشىش ۋە مەشىق قىلىش، بۇ ئارقىلىق گۈزەل مەزمۇنلارغا باي ئۇيغۇر سەنئىتىدىن، باشقىلارغا ئوزۇق ئاتا قىلىشنى مەقسەت قىلىپ، ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكىسنى ۋە ئۇيغۇر مۇقاملىرىنى سەھنىلەردە ئىجرا قىلىپ ئەنگلىيىلىكلەرنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدى. بۇنداق يۈرەكنى زىلزىلگە سالىدىغان مۇڭلاردىن، لەرزان ئوينالغان ئۇسسۇللاردىن ھەيرانلىققا چۆمگەن ئېنگلىزلار “ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ھەقىقەتەنمۇ قەدىمىي يىپەك يولىدىكى بىر گۆھەر قورغان ..” دەپ تەرىپلەشتى.

مانا بۇ لوندوندا قۇرۇلۇپ بەش يىلغا يېقىن ۋاقىت ئىچىدە ئەنگىلىيىدە ئۇيغۇرنىڭ مەۋجۇتلۇقىدىن كىشىلەرنىڭ قەلبىگە يىرىك ۋە ئەمەلىي دەرىس بەرگەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىدۇر. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىجادكارلىقى تۈرتكىسىدە تۇنجى بولۇپ ئۆز ساداسىنى يەنى ئۇيغۇر ساداسىنى 2005- يىللىق مۇھاجىرلار بايرىمىدا لوندون ئاسمىنىدا ياڭراتتى. لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر 20 نۆۋەتتىن ئارتۇق مەخسۇس ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ۋەكىل خاراكتېرلىك كونسېرت 2009- يىلى 2- ئاينىڭ 17- كۈنى لوندون ئۇنىۋېرسىتېتى ئاسىيا - ئافرىقا ئىنستىتۇتىنىڭ تەكلىپى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپلىق ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن دۇنياغا داڭلىق بۈيۈك بېرىتانىيە موزىيىنىڭ يېنىغا جايلاشقان لوندون برۇنەى تىياتىرخانىسىدا مەخسۇس ئۆتكۈزۈلگەن ئۇيغۇر سەنئەت كېچىلىكىدۇر.


بۇ قېتىمقى پائالىيەت لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلى قۇرۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان ۋە ئەڭ كۆپ تاماشىبىن ئىشتىراك قلغان بىر قېتىملىق سەنئەت كېچىلىكى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇيغۇر ئانسامبىلى لوندوندىكى كونسېرتنى ئاياغلاشتۇرۇپ بىر قانچە كۈن ئۆتمەيلا يەنە 2009- يىلى 2- ئاينىڭ 24- كۈنى ئەنگىلىيىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان داڭلىق پولات شەففىەلد كە كېلىپ شەففىەلد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ تەكلىپىگە ئاساسەن بۇ يەردە بىر مەيدان ئۇيغۇر ناخشا - مۇزىكا كېچىلىكى ئۆتكۈزۈپ، تاماشىبىنلارنىڭ قىزغىن ئالقىشى ۋە مەدھىيىلىرىگە مۇيەسسەر بولدى .

بۈگۈنكى كۈندە ۋەتەن سىرتىدا باشقا مىللەتلەردىن يەنى ئەنگىلىزلاردىن تەشكىل قىلىنىپ قۇرۇلغان مۇشۇنداق بىر سەنئەت گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەتەن سىرتىدا بۇ قەدەر زور ئۇتۇق ۋە ئالقىشلارغا ئېرىشىشى قەلبىڭىزدىكى ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ نەقەدەر بىر گۈزەل مەدەنىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىدىن سىزنى سۆيۈندۈرسە، ئەلۋەتتە بۇ شان - شەرەپلەرنىڭ ئارقىسىدا ئۆز كۈچىنى ئۈن- تىنسىز سەرپ قىلىۋاتقان لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىدىكى بارلىق پىداكارلارغا ئۆز مىننەتدارلىقىمىزنى ئىپادە قىلماي تۇرالمايمىز. ئاخىرىدا مەن لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيىتىنىڭ تېخىمۇ نەتىجىلىك بولۇشىنى تىلەيمەن ھەمدە ۋەتەن ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزدىن بۇ ئانسامبىلنىڭ شەرەپلىك ۋە ئەھمىيەتلىك خىزمىتىنى يېقىندىن قوللىشىنى، مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن چۈنكى ئۇلار تەكلىماكانغا دۈملەنگەن ئۇيغۇر ساداسىنى، ئۇيغۇر مۇڭلىرىنى لوندون ئاسمىنىدا ياڭرىتىۋاتقان كىشىلەردۇر.

توۋەندە لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىنىڭ بۇ قېتىمقى لوندون برۇنەى تىياتىرخانىسىدا ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر سەنئەت كەچىلىگىنىڭ نەق مەيدان كونسەرتىدىن بىر كورۇنۇشنى ھوزۇرىڭىزلارغا سۇندۇق .




دىيارىم تورى لوندون خەۋىرى: سۇرەتلەرنى دىيارىم توربەكىتىدىن دىلمرات ئويغار تارتقان.



ئەسلى خەۋەر مەنبەسى:

Diyarim.com

http://bbs.diyarim.com/read.php?tid=35866&fpage=0&toread=&page=1









نەشىر ھوقوقى لوندون ئۇيغۇر ئانسامبىلىغا تەۋە.

2007  London Uyghur Ensemble  (LUE).  All rights reserved. © Copyright

         E_mail: web@uyghurensemble.co.uk . Web designed & administrated by Aziz Isa .Last updated April 2009

زىيارەتچىلەر سانى: